UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمارسېل

مارسېل

دۇنيادىكى شەھەرلەر فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھەم چوڭ پورتى. شۇڭا بۇ شەھەر مارسېل - رۇنا قانىلى ئارقىلىق رۇنا دەرياسىغا، رۇنا دەرياسىدىن گارونىنا دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللار ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بېسكەي قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. رۇنا دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇلغان قانال ئارقىلىق شىمالدىكى گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيىلەر بىلەنمۇ باغلىنىپ تۇرىدۇ. مارسېلنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ فرانسىيە بويىچە مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر يېنىدىكى فوس قولتۇقى يېنىدا چوڭ تىپتىكى پولات زاۋۇتى قۇرۇلدى. مارسېل پورتى ئارقىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز، ئىمپورت قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن فرانسىيە بويىچە شۇ خىل مەھسۇلاتلار ئومۇمىي ئىمپورتنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلاردىن باشقا مايلىق دان، كوفى، پاختا، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 161 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، شەھەردە ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، كۆپلىگەن ھەيۋەتلىك چېركاۋلار، مۇزېيخانىلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. مارسېل شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 9 كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مارسېل | UyghurWiki | UyghurWiki