UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋىلنيۇس

ۋىلنيۇس

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي شىمالدىكى بالتىق دېڭىز بويىغا جايلاشقان لىتىۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى ھەم مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. ۋىلنۇس ۋىليا دەريا بويىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 544 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇ شەھەر 1940 - يىلدىن بۇرۇن ۋىلنۇ دەپ ئاتىلاتتى. ۋىلنۇس لىتۋانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا نازۇك ماشىنىسازلىق سانائىتى (ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ستانوك، ئەسۋاب)، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە لېنىنگراد، ۋارشاۋا، موسكۋا، مىنسىك قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان بەش تارماق تۆمۈريول، تاشيول لىنىيىلىرى، لىتۋا پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋىلنيۇس | UyghurWiki | UyghurWiki