UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرچوڭجىن

چوڭجىن

دۇنيادىكى شەھەرلەر چاۋشيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى، شىمالىي خامگيوڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، شەھەر ياپون دېڭىزى بويىغا جايلاشقان، سۈيى قىش پەسلىمۇ توڭلىمايدۇ، يىل بويى قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. بۇ شەھەرگە 1960 - يىلى پۇنىڭ، روناملار قوشۇلۇپ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى. ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. چوڭجىن ئەسلى بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، 1908 - يىلى سودا پورتى بولۇپ ئېچىلغان، ھازىر ئۇ شىمالىي چاۋشيەننىڭ ئەڭ چوڭ پولات سانائەت بازىسى، ئۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات پۈتۈن چاۋشيەن بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان پولاتنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭا بۇ شەھەر چاۋشيەننىڭ <پولات پايتەختى> دەپمۇ ئاتىلدۇ. پولات سانائىتىدىن باشقا كېمىسازلىق، كان ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيىۋى تالا ئىشلەش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ئېلېكترلەشكەن تۆمۈريول ئارقىلىق شىمالدا روجىن شەھىرى بىلەن غەربىي جەنۇبتا پايتەخت — پىيوڭراڭ بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دېڭىز ئارقىلىق چەت ئەللەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ، شەھەردە ھەرخىل تىپتىكى ئالىي مەتكەپلەر، سۇ مەھسۇلاتلرىنى تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
چوڭجىن | UyghurWiki | UyghurWiki