گراۋنېخرست
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى كانادالىق خوتۇر بېتيۇننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى. بۇ جاي ئا ق ش بىلەن كانادا چېگرىسىدىكى گورون كۆلىنىڭ گېئورگى قولتۇقىغا ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇنغا جايلاشقان. ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى شىمالىي كەڭلىك 44°55′ بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 22°79′ نىڭ كېسىشكەن يېرىگە توغرا كېلىدۇ. گراۋېنخرست بازىرى كانادانىڭ مۇھىم بىر چوڭ شەھىرى تونتودىن 150 كىلومېتىر شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى 7133 تىن ئاشىدۇ، گراۋېنخرست كىچىك بىر ئورۇن بوللسىمۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى مۆتىدىل، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ياپيېشىل ئورمانلار، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. بازار ئەتراپىدا ئۇششاق كۆللەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۇ جاينىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا بىرنەچچە دوختۇرخانا، ئىجارە ئۆيلىرى، ساياھەت قېيىقلىرى، دەم ئالىدىغان چېدىرلار ۋە باشقا ساياھەت ۋاسىتىلىرى، مېھمانخانىلار، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر بار. سانائەتتە يېنىك سنائەت بىلەن كېمىسازلىقنى ئاساس قىلىدۇ، كېمىسازلىق سانائىتىدە ساياھەت قىيىقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەر رايونىدا كالا بېقىلىدۇ، سۈت ۋە باشقا يېىمەكلىكلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنى تەمىنلەيدۇ