UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئونېگا كۆلى

ئونېگا كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپا بويىچە لادۇگا كۆلىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ كۆپ بولۇپ، سوېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدۇ. غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ 245 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەڭ كەڭ يېرى 91.6 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 9720 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ كۆل مۇزلۇقلار ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن تىكتونىكالىق كۆل ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبى تېيىز، شىمالى چوڭقۇر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 127 مېتىرغا يېتىدۇ. شىمالىي قىسمىدا تار، ئۇزۇن قولتۇقلار كۆپ. كۆل ئىچىدە 1360 تىن كۆپ ئۇششاق ئارال، يوشۇرۇن خادا تاشلار بار. مۇزلاش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىدۇ. كۆلگە ۋتېتگرا قاتارلىق 58 تارماق دەريا قۇيۇلىدۇ، سىۋىر دەرياسى كۆلدىن ئېقىپ چىقىپ، لادۇگا كۆلىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي قىرغىقى قېزىلغان قاناللار ئارقىلىق ئاق دېڭىز بالتىق دېڭىز ھەم ۋولگا دەريا - بالتىق دېڭىزدىن ئىبارەت ئىككى سۇ يولى بىلەن تۇتىشىدۇ. قاتناش ئەھمىيىتى چوڭ، كۆلدىن ھەرخىل بېلىق تۇتۇلىدۇ، كژى ئارىلىدا ياغاچتىن سېلىنغان قەدىمىي مۇزېي كارىلىئا مىللىي مۇزېيى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئونېگا كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki