UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى

ئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان 1100 دىن ئارتۇق كىچىك ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىمالكىي كەڭلىك 54°40′ ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ئاراللار سىياسىي جەھەتتىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئالياسكا شتاتىغا قارايدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاراللاردىكى ئاھالە يەرلىك ئىندىئانلار بولۇپ، 50 - يىللاردا بۇ ئاراللاردا ئولتۇراق 18 مىڭ ئاھالە ئىچىدە ئۇلارنىڭ سانى ئاران ئۈچ، تۆت مىڭلا بولغان. ئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى 1741 - يىلى رۇس ئېكىسپىدىتچىلىرى بېرنگ ۋە چېرىكوۋلار تەرىپىدىن تېپىلغان. بۇ ئاراللارغا جايلاشقان سىتىكا شەھىرى (بۇرۇن يېڭى ئارخانگېلسكىي دەپمۇ ئاتالغان) 1867 - يىلىغىچە چارروسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ ئاراللار تېپىلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى چارروسىيە پادىشاھى ئالېكساندىرنىڭ نامىغا ئالېكساندىر دەپ نام قويۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئالېكساندىر تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki