ۋاخۇ ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئارال. ئا ق ش نىڭ ھاۋاي شتاتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم قاتناش مەركىزى. مەيدانى 1554 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). ئاھالىسى پۈتۈن ھايۋا ئاراللىرى ئاھالىسىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىق ياپونلۇقلار، فىلىپىنلىقلار، ئا ق ش لىقلار، پولېنزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇلارمۇ بار. ۋاخۇ يانار تاغ ئارىلى بولۇپ، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا سوزۇلغان ئىككى تارماق تېغى بار. تاغلىقلارنىڭ چوققىلىرى تىك بولۇپ، ئەڭ ئېگىز جاي 1228 مېتىرغا يېتىدۇ. دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى ئەگرى - توقاي، مارجان ئاراللىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. ئارالنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا ھونولۇلۇ شەھىرى بار، بۇ جاي شتاتنىڭ مەركىزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئارالدا شېكەر قومۇشى، ئاناناس، بانان قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائەتتە شېكەر، كونسېرۋا، سېمونت، پولات چىۋىق، نېفىت ئايرىش، ئاليۇمىن، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەتلەر ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان پېل خاربور پورتى ئا ق ش نىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز - ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ.