UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەريالتا

يالتا

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئاتاقلىق ساناتورىيە شەھىرى، بۇ شەھەر قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان بولۇپ، قىرىم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى سىمفرېپول شەھىرىدىن 99 كىلومېتىر جەنۇبتا تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 77 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جاينىڭ شىمالىنى تاغلىقلار ئوراپ تۇرىدۇ. ھاۋاسى يېقىملىق، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل. بۇ جاينىڭ قىشلىق ھاۋاسى سوغۇق ئەمەس، يازلىقىمۇ قاتتىق ئىسسىق بولمايدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13 بولىدۇ. بۇ جايغا نۇرغۇنلىغان ساناتورىيىلەر، ھەرخىل تاماشا قىلىش مەيدانلىرى، ئاتاقلىق مېھمانخانىلار سېلىنغان. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈم ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرى (ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ) تەرەققىي قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا، سوۋېت، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
يالتا | UyghurWiki | UyghurWiki