لائوس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. ئۇ جۇڭگو، بىرما، تايلاند، كامبودژا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليون 850 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، 60 نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 2/3 قىسمىنى لائوس مىللىتى، قالغىنى مياۋ، كاتەي قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشكىل قىلىدۇ، لائوس تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. پايتەختى ۋيېنتيان شەھىرى. لائوس يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ، تاغلىقلار بىلەن ئېگىزلىكلەر دۆلەتنىڭ% 80 يېرىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ جاي <ھىندىچىنىنىڭ ئومۇرتقىسى> دەپ ئاتىلىدۇ، مېكو دەريا بويلىرىدا قار، ئۇزۇن سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى تروپىك موسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20-℃26 كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1250-3740 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. 11 - ئايدىن ئىككىنچى يىلنىڭ 4 - ئايغىچە شەرقىي شىمال پاسسات شاماللىرى سوقۇپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىت قۇرغاق پەسلى دېيىلدۇ، 5 - ئايدىن 10 - ئايغىچە غەربىي جەنۇب موسسونلىرى سوقىدۇ، بۇ ھۆلچىلىك پەسلى دېيىلىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ % 74يېرىنى ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا قىممەت باھالىق ھەرخىل ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئورمانلىقلاردا توز، پىل، يولۋاس، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلار ياشايدۇ. كان بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، قەلەي، مىس، كۆمۈر، گىپىس، تۇز قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. لائوس مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بولۇپ، بىر مىڭ يىل بۇرۇنلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. 14 - ئەسىردە خېلى گۈللەنگەن، 1893 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيە قايتا ئىگىلىگەن، 1953 - يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1975 - يىلى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. لائوس يېزا ئىگىلىك دۆلەت، ئاھالىنىڭ %90 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىدىن قالسا كاۋچۇك، كۆممىقوناق، كاۋاۋىچىن، قاقىلە، كېۋەز، سېرىق كەندىر، كوفې، شېكەر قوڭمۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بېلىقچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سانائەتتە شال ئاقلاش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، توقۇمىچىلىق، كاۋچۇك، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تاماكا قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. قاتناش - ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. مىكونگ دەرياسى مۇھىم سۇ قاتناش تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. لائوس كان مەھسۇلاتلىرى بىلەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكھەردە كەندىر توقۇمىچىلىق، قەغەز، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.