UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋىننىپېگ شەھىرى

ۋىننىپېگ شەھىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ماناتۇبە شتاتىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، ئۇ كانادانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى، شەرق، غەربتىكى تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى. ش ەھەرنىڭ نامى ۋىننىپېگ كۆلىنىڭ نامىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ۋىننىپېگ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 540 مىڭدىن ئاشىدۇ. كانادا بويىچە چوڭلۇقى جەھەتتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جاي ئەسلى تېرە، يۇڭلارنى يىغىپ ساتىدىغان جاي بولغان، 1885 - يىلى تۆمۈريول سېلىنغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇ كانادانىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى بىلەن غەربىي تىنچ ئوكيان قىرغاق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر مۇھىم قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونلىرىدىن غەربكە يۆتكىلىدىغان ماللار ۋىننپېگ شەھىرىدىن ئۆتىدۇ. ئۇ، كانادانىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم پۇل مۇئامىلە، سانائەت مەركىزى. شەھەردە قۇشخانا، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇن زاۋۇتى، كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرى سانائىتى، كۆن - خۇرۇم، يۇڭ توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. ۋىننىپېگ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق ئاشلىق سودا بازارلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا خەلقئارا ئايرودرومى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر