ئۇلانباتور
دۇنيادىكى شەھەرلەر
موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر ئورخون دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان تولا دەريا بويىغا جايلاشقان. بۇ ئورۇن دېڭىز يۈزىدىن 1251 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. ئولانباتور موڭغۇلىيىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ دەسلەپ <كورون> دەپ ئاتالغان. 1924 - يىلى شەھەرنىڭ نامى <ئولانباتور> غا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇلانباتور موڭغۇلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدا 470 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان (1984). بۇ جايدىكى سانائەت تارماقلىرى پۈتۈن موڭغۇلىيىدىكى سانائەت تارماقلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. سانائەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇلانباتور موڭغۇلىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جايدا ئاتاقلىق بۇتخانىلار، مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلىرى بار. ئۇلانباتور موڭغۇلىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بارىدىغان تاشيول، ھاۋايول لىنىيىلىرى، سوېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونى تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا تۆمۈريول لىنىيىسى بار.