UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربېللىنگخاۋزېن دېڭىزى

بېللىنگخاۋزېن دېڭىزى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئانتاركتىكانىڭ قىزغاق دېڭىزى بولۇپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ بىرقىسۋمى، ئۇ ئالىكساندىرا يېرى بىلەن تۇستۇن ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 180 مېتردىن 4532 مېتر كېلىدۇ. شىمالدىكى كىرىش ئاغزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 5318 مېترغا يېتىدۇ. دېڭىز سۈيى سائەت سترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئېقىم ھاسىل قىلىدۇ. دېڭىز رايونىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، كۈندۈزلىرىمۇ گۇگۇم ھالەتتە تۇرىدۇ. يازلىقى سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃0، جەنۇبىدا ℃1- تىن تۆۋەن بولىدۇ. بىر يىلدا قاتتىق شامال سوقىدىغان ياكى قاراڭغۇ تۇمانلىق كۈنلەر 250 كۈنگە يېتىدۇ. سۈيىنىڭ شورلىنىش دەرىجىسى تەخمىنەن % 33.5 گە يېتىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا لەيلىمە مۇز ۋە ئايسىبرىگلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار قىش ۋە كۈزدە پۈتۈن دېڭىز يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ دېڭىز 1819 -، 1821 - يىللىرى رۇس دېڭىز ساياھەتچىسى ف. ف بىللىنگسخاۋزېن تەرىپىدىن تېپىلغان. بۇ دېڭىز شۇ كىشىنىڭ نامىغا بىللىنگسغاۋزېن دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بېللىنگخاۋزېن دېڭىزى | UyghurWiki | UyghurWiki