UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركىنگىستون

كىنگىستون

دۇنيادىكى شەھەرلەر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارايىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان يامايكىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر يامايكا ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قولتۇق بويىغا جايلاشقان، شەھەر ئەتراپىدا تۇپرىقى مۇنبەت بولغان لىگۋانىيە تۈزلەڭلىكى بار. شەھەر ئاھالىسى 650 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، بۇ شەھەر 1692 - يىلى سېلىنغان. 1872 - يىلى ئىسپان بازىرى ئورنىغا يامايكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن بىرنەچچە قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغان، 1907 - يىلىدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتىدىن سېلىنغان. سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىي ياقىسىدىكى سازلىق ئورۇنلارغا سېلىنغان بولۇپ، ئاساسەن يېمەك - ئىچمەك، قەغەز، ماشىنا رېمونت قىلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، تاماكا، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. پورتنىڭ شارائىتى ياخشى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. شەھەردە 1699 - يىلى سېلىنغان سانت توماس چېركاۋسى، كۇتۇپخانىلار، مۇزېي ۋە ئالىي مەكتەپلەر بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار، كىنگستون شەھىرى تۆمۈر يول، تاشيوللار ئارقىلىق باشقا شەھەرلەر بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كىنگىستون | UyghurWiki | UyghurWiki