UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىسسىق كۆل

ئىسسىق كۆل

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئۆتمۈشتە جۇڭگولۇقلار <تۇز كۆلچىكى>، <ئىسسىق دېڭىز> ياكى <سۈزۈك كۆلچەك> دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ كۆل شىمالىي تىيانشاندىكى سوۋېت قىرغىزىستانىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىسسىق كۆل ئويمانلىقىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1608 مېتىر كېلىدۇ، قىشتا مۇز توڭلىمايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 178 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 6280 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 278 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 702 مېتىرغا يېتىدۇ. 50 تىن ئوشۇق كىچىك دەريا كۆلگە قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيى سەل تۇزلۇق، تۇز مىقدارى 5.8 كە يېتىدۇ. ئىچىش ۋە سۇغىرىشقا بولمايدۇ. قەرەللىك قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، ئەتراپىدىكى ئىسسىق كۆل ئويمانلىقىنىڭ مەيدانى 23 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مۇھىم ئاشلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىسسىق كۆل | UyghurWiki | UyghurWiki