UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋاللېتتا

ۋاللېتتا

دۇنيادىكى شەھەرلەر مالتا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. ئۇنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتناشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ. ۋاللېتتا 1798 - يىلى ناپالىئون تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1800 - يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1814 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە بۇ جايدا زور كۆلەملىك دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنى تۇرغۇزۇپ، بۇ جايدا زور كۆلەملىك دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنى تۇرغۇزۇپ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشتا پايدىلانغان. 1964 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شەھەر ئاھالىسى 14 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇ جايدىكى پورتتا ھەرخىل تىپتىكى چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ. مالتانىڭ ئەڭ مۇھىم كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ۋاللېتتا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋاللېتتا | UyghurWiki | UyghurWiki