پورت لۇيىس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت ماۋرىتىئوسنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر ئاھالىسى 148 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىق ھىندىستان ھەم پاكىستانلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كىرىئور خەلقلىرى، ياۋروپالىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان. پورت لۇيىس 1735 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، سۇۋەيىش قانىلى قېزىلىشتىن بۇرۇن ئاسىيادىن ياۋروپاغا بارىدىغان پاراخوتلار بۇ جاينى بېسىپ ئۆتەتتى. ھازىرمۇ ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز ئاستى سىم يولىنىڭ مۇھىم پونكىتى ھەم خەلقئارا قاتناش بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. پورت لۇيىس دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. سانائەتتە شېكەر سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنا رېمونت قىلىش، تاماكا ئوراش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. قاتناش ترانسپورتىدا تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلەت بويىچە ئېكسپورت، ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ كۆپى مۇشۇ جايى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. سىرتقا شېكەر، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىدۇ.