ھاۋانا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ھاۋانا كۇبا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالمېندارىس دەريا يېنىدىكى ھاۋانا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان. چوڭ ھاۋانا شەھىرى گۇاناباكوئا، مارىئاناۋۇ، زېگلا، سانتامارىيادې، رۇسارىئو قاتارلىق شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 930 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ھاۋانا شەھىرىنىڭ ئاساسىي 1519 - يىلى سېلىنغان. 1898 - يىلدىن باشلاپ كۇبانىڭ پايتەختى بولغان. بۇ پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شەھەر قىسمى يەر ئاستى تونېلى ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ. ھاۋانا كۇبانىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا شېكەر، ھاراق، تاماكا، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، قەغەز، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ھاۋانا پورتى پۈتۈن كۇبا بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ھاۋاناك ۇبانىڭ مۇھىم قاتناش مەركىزى، شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چڭو شەھەرلىرىگە بارىدىغان تۆمۈر يول، تاشيوللار بار. شەھەر رايونىدا چوڭ تىپتىكى خېسىياتى ناملىق خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەردە يەنە 1704 - يىلى قۇرۇلغان چېركاۋلار، 1721 - يىلى قۇرۇلغان ھاۋانا داشۆسى، دىپلوماتىيە شۆيۈەنى، تاشقى سودا شۆيۈەنى، پېداگوگىكا شۆيۈەنى، تەنتەربىيە شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ناھايىتى ھەيۋەت سېلىنغان (25 قەۋەتلىك) تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، تروپىك بەلباغ دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات ئورنى، بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، مەشھۇر خاتىرە مۇنارلىرى، ئاتاقلىق ساياھەت ھەم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.