ترېر
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، موسېل دەرياسىنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم تارىخىي شەھەر. ترېر شەھىرى ليۇكسېمبۇرگ پادىشاھلىقىدىن 30 كىلومېتر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. بۇ شەھەرگە جايلاشقان تاغ - دەريالارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يېقىملىق بولۇپ، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا شارائىتى تولۇق، شەھەر ئاھالىسى 97 مىڭدىن ئاشىدۇ. شەھەرنىڭ نامى قەدىمىي گېرمان قەبىلىسى ترېۋېرو سوك نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولىدۇ. بۇ ئورۇن مىلادى 3 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى بولغان ھەم تەرەققىي قىلىپ خرىستىئان دىنىنڭ ئەڭ دەسلەپكى مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ ئورۇن تارىختا فرانسىيىگىمۇ تەۋە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ غەربتىكى رايونلارنىڭ سودا، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ مەركىزى بولغان. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئۈزۈم كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا، توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەرىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ترېر مۇھىم تارىخىي شەھەر، شەھەردە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار ناھايىتى كۆپ. بۇ جايدا پرولېتارىياتنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ماركس 1818 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەردىكى ماركس تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككى قەۋەتلىك بىنانى 1828 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى 93 مىڭ 739 گېرمانىيە ماركىغا سېتىۋېلىپ، 1931 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدى. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدە. 1967 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا قىلىپ ئاچماقچى بولغان. بىراق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، سىياسىي جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئېچىلمىدى. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى رەسمىي مۇزېيخانا بولۇپ ئېچىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان گېرمانىيە ۋە چەت ئەللىك كىشىلەر بۇ جايغا كېلىپ زىيارەت قىلىدىغان بولدى. 1967 - يىلى بۇ جايدا ماركس، ئېنگېلس تەتقىقات ئورنى ۋە مەخسۇس كۇتۇپخانا قۇرۇلدى. ھازىر بۇ كۇتۇپخانا 200 مىڭ نۇسخىدىن ئارتۇق ھەرخىل كىتاب - ژۇرنال، قىممەتلىك ماتېرىياللار ساقلانماقتا. بۇ جايدىكى مۇزېيخانا بىلەن كۇتۇپخانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئوقۇيدۇ ھەم مەخسۇس تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.