UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركانارى تاقىم ئاراللىرى

كانارى تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىگە، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان يانار تاغ ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار 1497 - يىلىدىن باشلاپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1927 - يىلى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىلىپ ئىسپانىيىگە قوشۇلغان. بۇ ئاراللارنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 7273 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېنېرىقې، چوڭ كانارى، فوئېرتى، ۋېنتورا قاتارلىق يەتتە چوڭ ئارال بىلەن ئەتراپىدىكى ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 138 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسپانىيە تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. مەركىزى لاس - پالماس شەھىرى. كانارى تاغلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەر شەكلى بەك ئېگىز - پەس، تېنېرىفى ئارىلىدىكى تېدى ھەرىكەتتىكى يانار تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3707 مېتىر كېلىدۇ. ئاراللارنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 200-400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىش ئىشلىرىغا تايىنىدۇ. شېكەر قومۇشى، بانان، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر، ئاشلىق زىرائەتلىرى، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. سانائەتتە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېفىت ئايرىش، بېلىق گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كانارى ئاراللىرىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ياۋروپا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ تۈگۈنى، مۇھىم سۇ قاتناش تۈگۈنى. ئاراللارنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يىلبويى سىرتقى دۆلەتلەردىن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ساياھەتچىلەر كېلىپ، ساياھەت قىلىدۇ. ساياھەت ئىشلىرى قىش پەسلى تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر