UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئوتتۇرا شەرق

ئوتتۇرا شەرق

دۇنيادىكى شەھەرلەر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. 16 -، 17 - ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر شەرققە قاراپ كېڭەيگەن ۋاقىتتا، شەرق تەرەپتىكى رايونلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا بولغان يىراق - يېقىنلىقىغا قاراپ شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنى <يېقىن شەرق>، <ئوتتۇرا شەرق> ۋە <يىراق شەرق> دەپ ئايرىغان. يېقىن شەرق، ئوتتۇرا شەرق دېگەن ئورۇنلار كۆپ ھاللاردا ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق ئەمەس، بەزىدە پەقەت ئافغانىستان بىلەن ئىراقنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قوللىنىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق يۇقىرىدا ئېيتقان ئافغانىستان بىلەن ئىراندىن سىرت يەنە مىسىر، پەلەستىن، سۈرىيە، ئىراق، ئىئوردانىيە، لىۋان، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، كۇۋەيت، قاتار، بەھرەيىن، تۈركىيە، سىپروس ۋە ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت دۆلەت ۋە رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقنىڭ مەيدانى 8 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 220 مىليونغا يېتىدۇ (1984). ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئە ئارىلىقىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، بۇ جاينىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، ئوتتۇرا شەرق ھازىر ئۆزىنىڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گازدىن ئىبارەت مول يەر ئاستى بايلىقى بىلەن دۇنيانىڭ <نېفىت ئامبىرى> دەپ ئاتالماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىن ئېلىنىۋاتقان ھەم ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان نېفىت دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئوتتۇرا شەرق | UyghurWiki | UyghurWiki