UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئامازوناس

ئامازوناس

دۇنيادىكى شەھەرلەر برازىيىنىڭ ئامازون دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان بىر شتات. يەر مەيدانى 1 مىليون 568 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، برازىلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ شتات ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئاھالىسى شتاتلار ئىچىدە ئەڭ ئاز. شتاتنىڭ مەركىزى مانائوس شەھىرى، ئۇ شتات بويىچە بىرىنچى چوڭ شەھەر، ئامازون دەريا بويىغا جايلاشقان چوڭ دەريا پورتى، بۇ شەھەرگە دەريا ئارقىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ. ئامازوناس شتاتىنىڭ ئارقىلىق ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ. ئامازوناس شتاتىنىڭ ئاھالىسى بىر مىليون 120 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئاھالىنىڭ ككپ قىسمىنى مېتىسلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنى يەرلىك خەلق ئابوكلو دەپ ئاتايدۇ. مېتىسلاردىن باشقا ئىندىئانلارمۇ ياشايدۇ. شتاتىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى تۈزلەڭلىك، پەقەت شىمالىي قىسمىدىلا گىۋىئانا ئېگىز تەكشىلىكىنىڭ بىر قىسىم تاغلىرى بار. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يىل بويى يۇقىرى بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. شتاتىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرى تروپىك ئورمانلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئىقتىسادىدا ئورمانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق بەلبادا ئۆسىدىغان كاكائو، شېكەر قومۇشى، بانان، مانىخوت، كاۋچۇك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئامازوناس 1899 - يىلى شتات بولۇپ قۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئورنى ئامان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى ئېقىمىغا توغرا كەلگەنلىكتىن ئامازوناس دەپ نام بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر