UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربۇخارېست

بۇخارېست

دۇنيادىكى شەھەرلەر رۇمىنىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر. بۇخارېست شەھىرى ۋالاخىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، دوناي دەرياسىنىڭ تارمىقى — دېمبوۋىتسا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 897 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، شەھەر رايونى بىلەن قولۇشۇپ بىر بىر مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). 1659 - يىلى ۋالاخىيەكىنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. 1862 - يىلىدىن باشلاپ رۇمىيىنڭى پايتەختى بولغان. بۇخارېست رۇمىنىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملاشقان سانائەت شەھىرى. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، خىمىيە، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىيات، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇخارېست شەھىرىگە شىمالدىكى ترانسىلۋانىيە رايونىدىن ئېلىنغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى ھەم كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل، ئىقلىمى يىللىق كېلىدۇ. قىشتا قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا سوزۇلغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول تۈرلىرىبار. شەھەردە 1864 - يىلى قۇرۇلغان ئاتاغلىق بۇخارېست داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېميىسى، باشقا پەن تەتقىات ئورۇنلىرى، 17 -، 18 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان مۇھىم تارىخىي ئورۇنلار، مۇزېيخانىلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
بۇخارېست | UyghurWiki | UyghurWiki