UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرھىندى دەرياسى

ھىندى دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ باش ئېقىنى دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىن باشلىنىدۇ. بۇ دەريا ئالدى بىلەن غەربىي شىمالغا، ئاندىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ كەشمىر، پاكىستانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەرەب دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ، دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى 3180 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي تارماقلىرى جىخلىم، چىناپ، ساتلىچلاردىن ئىبارەت. ھىندى دەرياسى پاكىستان تېرىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا مۇنبەت تۈزلەڭلىكنى شەكىللەندۈرگەن. دەريانىڭ ئاتوكدىن يۇقىرى قىسمى يۇقىرى ئېقىن بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىشى ناھايىتى تېز، ئاتوكدىن مىتانكوتقىچە بولغان قىسمى ئوتتۇرا ئېقىن بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىشى ئاستىلايدۇ. مىتانكوتتىن دېڭىز ئاغزىغا قەدەر تۆۋەن ئېقىن بولىدۇ. تۆۋەن ئېقىندا سۇنىڭ ئېقىشى ئاستا، لاتقىلار كۆپ بولۇپ، دەريا قىنى ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردىنمۇ يۇقىرىلاپ كەتكەن. بۇ جايدىكى دەريا قېىنىنىڭ ئىككى ياقىسىدا تاشقىندىن مۇداپىئە قىلىش قاشلىرى ياسالغان. دەريانىڭ ھەيدەر ئابادتىن قۇيۇلۇش ئاغزىغا قەدەر بولغان قىسمىدا كىچىك ماتورلۇق قېيىقلار قاتنىيالايدۇ، بۇ جايدا دەريا نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، مەيدانى 8000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا تۈزلەڭلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان. دەريا ئاغزىنىڭ ئېقىن مىقدارى 7000 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. ھىندىستان ب ىلەن پاكىستان بۆلۈنگەندىن كېيىن ھىندى دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىككى دۆلەتنىڭ تالاش تارتىش قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. 1960 - يىلى ئىككى دۆلەت ھىندى دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم بويىچە ھىندىستان ھىندى دەريا سۇ مىقدارىنىڭ %20، پاكىستان %80 سۈيىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندى دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki