UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقرىم يېرىم ئارىلى

قرىم يېرىم ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبىغا، ئازوۋ ۋە قارا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى 18 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ بوغۇزى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 26 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار، بۇ جاينىڭ تۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول. ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان قرىم تاغلىقلىرى جايلاشقان، بۇ تاغلىقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىنىڭ كەڭلىكى 2 - 8 كىلومېتىر بولۇپ، ئىقلىمى يىللىق، مۆتىدىل كېلىدۇ. بۇ جايلار پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ مۇھىم دەم ئالىدىغان ساناتورىيە رايونى ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقلار ھەرخىل ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغ ۋادىلىرى بىلەن دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا كۆپلەپ ئۈزۈم ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايلار قرم تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىپ ئايرىلغان. قرىمدىكى مۇھىم شەھەرلەر سىمفېروپول، يېۋپاتورىيە، سېۋاستوپول، پالتا ھەم كىرىچلاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر