باغداد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىراقنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر مىسسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تېگىر دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. تېگىر دەرياسى شەھەرنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ تۇرىدۇ. دەريانىڭ شەرقىدىكى قىسمى ئەل روساپاھ، غەربىدىكى قىسمى ئەلكارھ دەپ ئاتىلىدۇ. باداد شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 5 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئۇ ئىراق بويىچىلا ئەمەس، غەربىي ئاسىيا بويىچىمۇ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 18 - ئەسىردىكى <ھەمرابى قانۇنى> دا باداد دېگەن شەھەر تىلغا ئېلىنغان. پېرسىيە ساسانىي پادىشاھلىقى دەۋرىدە مەركەز بولغان. مىلادى 754 -، 755 - يىللىرى يېڭى شەھەر قۇرۇلغان. 762 - يىلى پايتەخت بولۇپ، <مەدىنە - ئەس - سالام> دەپ نام بېرىلگەن. بىراق ئادەتتە يەنىلا باغداد دەپ ئاتالغان. 9 - ئەسىردە ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى بولغان 1921 - يىلىدىن باشلاپ ئىراقنىڭ پايتەختى بولغان. باغداد ئىراقنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى، بۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت كارخانلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توپلانغان. شەھەردە توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، ككن - خۇرۇم، سېمونت، دورىگەرچىلىك، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. باغداد ئىراقنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. باغداد شەھىرىنى ياۋروپادىن تۈركىيە ئارقىلىق پېرسىيە قولتۇق بويىغا قەدەر سوزۇلغان قەدەر سوزۇلغان خەلقئارا تۆمۈريول لىنىيىسى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار.