UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرباندۇڭ

باندۇڭ

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھېندۇنېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىغا جايلاشقان بىر چوڭ سانائەت شەھىرى، ياۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 583 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇ شەھەر ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يانار تاغلار بىلەن قورشالغان بىر ئويمانلىققا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ھېندۇنېزىيە تىلىدا <باندۇڭ> (تاغلار بىلەن تۇتاشقان جاي) دەپ نام بېرىلگەن. بۇ جاينىڭ يىللىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى (قىش بولمايدۇ)، ھۆل - يېغىنى مول بولغانلىقتىن، يىل بويى ياپيېشىل تۇرىدۇ. بۇ جايدا كەڭ كەتكەن چايزارلىقلار، خېنىن دەرەخ ئۆستۈرۈش مەيدانلىرى بار. باندۇڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇھىم سانائەت ھەم مەدەنىيەت مەركىزى، ئۇ جاينىڭتوقۇمىچىلىق سانائىتى دۆلەت بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ خىل سانائەت تارمىقىدىن باشقا يەنە كاۋچۇك، چاي، خېنىن (مەھسۇلاتى پۈتۈن دۆلەتنىڭ % 90 نى ئىگىلەيدۇ)، ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش (پاراۋۇز قاتارلىقلار)، مېتاللۇرگىيە، ئايروپىلان، كونسېرۋا زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. باندۇڭ ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇھىم تۆمۈريول. تاشيول ھاۋايول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە قاراپ سوزۇلغان نۇرغۇن تاشيوللار، بىر قانچە تارماق تۆمۈريول، ھاۋا قاتناش لىنىيىلىرى بار. شەھەردە يانار تاغ مۇزېيى، رەسەتخانا، باسىدې شۆيۈەنى ھەم باشقا نۇرغۇنلىغان دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار. باندۇڭ خەلقئاراغا خېلى تونۇش ئورۇن. بۇ جايدا 1955 - يىلى ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەت، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى (باندۇڭ يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئېچىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر