تانگانىكا كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى تاتلىق سۇلۇق چوڭ كۆل، زايىر، تانزانىيە، بۇرۇندى، زامبىيىلەرنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. يەر قاتلاملىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ چۆكۈشىدىن شەكىللەنگەن. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 773 مېتر، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 720 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 48-70 كىلومېتر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 1435 مېتر بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە بايقال كۆلىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەيدانى 32 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆل ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. كۆلگەم مالاگاراسى دەرياسى، روزيىزې دەرياسى ۋە باشقا ئۇششاق ئېقىنلار قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيى غەربكە قاراپ ئېقىپ كونگو (زايىر) دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق، تىمساھ، بېگېموت ۋە ئۇچار قاناتلار ناھايىتى كۆپ. كۆلدە سۇ قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇرۇندىنىڭ كۆپ قىسىم ماللىرى بىلەن زايىرنىڭ بىر قىسىم سىرتقا چىقىرىلىدىغان ماللىرى كۆلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تانزانىيە تۆمۈريولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كۆل بويىدىكى بۇرۇندى، زايىر، تانزانىيە، زامبىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئالماشتۇرىدىغان ماللىرىمۇ كۆل بويىدىكى كالېمبا، كىگوما (تانزانىيە)، بۇجۇم بۇرا (بۇرۇندى) قاتارلىق پورتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.