UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتبېرى كۆلى

تبېرى كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىننىڭ شەرقىي شىمالىغا كۆل. بۇ كۆل ئىئوردان دەرياسىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، كالىلې دېڭىزى ياكى كننېرېت كۆلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆلگە لىۋان تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىن ئېقىپ كەلگەن ئىئوردان دەرياسى قۇيۇلىدۇ. بۇ كۆلدىن ئېقىپ چىققان سۇ ئۆلۈك دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. كۆلنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتر، كەڭلىكى 8-18 كىلومېتر كېلىدۇ. مەيدانى 166 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 210 مېتر پەس تۇرىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 44 مېترغا يېتىدۇ، سۇ مىقدارى 4 مىليارد 240 مىليون كۇب مېترغا يېتىدۇ. بۇ كۆل پەلەستىن رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سۇلۇق كۆل بولۇپ، گور رايونىنى سۇغىرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر كۆلنىڭ سۈيى پەلەستىننىڭ غەربىي رايونلىرىغا باشلاپ بېرىلىپ سۇغىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. كۆلنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئورۇنلار، ساياھەت ئورۇنلىرى بار. بۇ رايون پەلەستىننىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، بانان، پەمىدۇر، ئۈزۈم، سۈتلۈك چارۋا بېقىلىدۇ، بېلىق تۇتۇلىدۇ. كۆلنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپىدا مىنېرال بۇلاقلار كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
تبېرى كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki