ھىمالايا تېغى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە ئۇزۇن سوزۇلغان تاغ، ئۇ غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ جۇڭگو - بىرما چېگرىسىغا قەدەر 2500 كىلومېتىر سوزۇلىدۇ. ئۇ جۇڭگو - شىزاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىنى، پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىنى، نېپال، بوتان، سىككىملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تاغ شىمالدا يالوزاڭبو دەريا ۋادىسىدىن باشلىنىپ، جەنۇبى ھىندىستان چېگرىسىغا قەدەر 200-300 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئېگىز تاغ ھېسابلىنىدۇ. ھىمالايا تېغى جگنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچىسى، تاغ ئېتىكىدىكى پەس ئېدىرلىق بەلباغ. بۇ بەلباغ دېڭىز يۈزىدىن 700-1000 مېتىرغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، كىچىك ھىمالايا دەپ ئاتىلىدىغان قىسمى، بۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500-4000 مېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچىسى، چوڭ ھىمالايا قىسمى، بۇ ھىمالايا تېغىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بەلباغنىڭ كەڭلىكى 50-60 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ھىمالايا تېغىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز (8848 مېتىر) جۇمۇلاڭما چوققىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادا ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئون تاغ چوققىسىنىڭ سەككىزى مۇشۇ تاغ رايونىغا جايلاشقان.