UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمالاي تاقىم ئاراللىرى

مالاي تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكيان ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇ زونىت تاقىم ئاراللىرى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدىن ئىبارەت 20 مىڭدىن ئوشۇق ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 2 مىليون 550 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھىندۇنېزىيە، مالايشىيا، بېرۇنى ھەم فىلىپپىندىن ئىبارەت دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 300 مىليونغا يېتىدۇ. ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئاراللاردا يەر تەۋرەش، ۋولقان ھەرىكىتى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئېكۋاتور سىزىقى كېسىپ ئۆتىدۇ، كۈن نۇرى يىل بويى تىك چۈشىدۇ. تۆت پەسىل بولمايدۇ. يىل بويى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە شال، كاۋچۇك، شېكەر قومۇشى، پالما، كاۋاۋىچىن، خىنىن دەرىخى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، قەلەي، مىس، مولبىدېن، ئاليۇمىن توپىسى، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئېلىنىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ياپيېشىل تروپىك ئورمانلىرى قاپلاپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مالاي تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki