UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمېسوپوتامىيە

مېسوپوتامىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ئاسىيادىكى تىگىر ھەم ئىفرات دەريالىرى ئارىلىقىدىكى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ ئاساسىي قىسمى ئىراق تەۋەسىگە، ئاز قىسمى سۈرىيىنىڭ شەرقىي، ئىراننىڭ كارولىن دەريا بويلىرى ھەم كۋريتىنىڭ بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز - پەس بولۇپ، جەنۇبقا بارغانسېرى پەسىيىپ بارىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مېسوپوتامىيە ئىراقنىڭ مۇھىم سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونى، بۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى خورما ئۆستۈرۈشكە بەك قولاي، شۇڭا ئىراق خورما ئۆستۈرۈشتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر