UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرقازان

قازان

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت رۇس فېدېراتسىيىسىدىكى تاتار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا، كۇيبىشېۋ سۇ ئامبىرىنىڭ غەربىي شىمال ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتاقلىق دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 47 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). قازان 13 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سېلىنغان، 15 -، 16 - ئەسىرلەردە قازان خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سانائەت، قاتناش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، سانائىتىدە ئايروپىلان، ستانوك، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە، خىمىيە سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جايدا 1804 - يىلى قۇرۇلغان قازان داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. تولىستوي بىلەن لېنىن ئۆز ۋاقتىدا قازان داشۆسىدە ئوقۇغان، شۇڭا شەھەردە لېنىن مۇزېيى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شۆبىسى، پۈتۈن سوۋېت داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنى، يەنە 16 -، 18 - ئەسىرلەردە قۇرۇلغان قەدىمىي شەھەر مۇنارىلىرى، چېركاۋ قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
قازان | UyghurWiki | UyghurWiki