UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئازور تاقىم ئاراللىرى

ئازور تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا شەرقىگە جايلاشقان ۋولقان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. ئۇ ساۋۇ — مىگوئېل، فايى ئال، فىلورېس قاتارلىق توققۇز ئارالنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن خاداتاش ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ يەر ئۈستى كۆرۈنۈشى ئېگىز - پەس بولۇپ، ۋولقان دكۋىلىرى، ۋولقان ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن كۆللەر، ئارشاڭلار كۆپ. ئەڭ ئېگىز جايى دېڭىز يۈزىدىن 2320 مېتر كېلىېدۇ. كىلىماتى يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، يازلىقى قۇرغاق ئىسسىق، قىشلىقى يىلىق، نەم يامغۇرلۇق كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 750-1000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئازور ئاراللىرىغا ئوتتۇرا ئەسىردە نومان خەلقلىرى بىلەن ئەرەبلەر كەلگەن، 1432 - يىلىدىن باشلاپ پورتوگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پورتوگالىيىنىڭ ئۈچ ئۆلكىسىنىڭ بىرى بولۇپ ئايرىلغان. ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئايرىم - ئايرىم مەركەزلىرى بار. 1976 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپ ئاپتونومىيە بولۇپ ئايرىلدى، ھازىر بۇ ئاراللار پورتوگالىيىگە قاراشلىق بىر ئاپتونومىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى پورتوگالىيىلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاناناس، پالما، ئۈزۈم، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق كۆپ خىل مېۋە ۋە زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق كالا بېقىلىدۇ. ئازور ئاراللىرىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك كىرىمى ئۇنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ، ھەر يىلى ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ساياھەتچىلەر بۇ قايغا كېلىپ سۇغا چۆمۈلىدۇ، ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ، دەم ئالىدۇ. ئاراللارنىڭ ستراتېگىيە ۋە قاتناش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ ياۋروپا، ئامېرىكا، ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سۇ، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئازور تاقىم ئاراللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki