بىسمارك تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئېرىئان ئارىلى (يېڭى گۋېنىيە ئارىلى) نىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. ئۇ تىنچ ئوكياندىكى مېلانېزىيە ئاراللار گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. يېڭى برېتان ئارىلى، يېڭى ئېرلاندىيە ئارىلى، ئادمىرالتې تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق 200 دىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى تەخمىنەن 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى تەخمىنەن 315 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، مېلانېزىيىلىكلەر بىلەن پاپوئاسلار ككپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى چوڭ ئاراللارنىڭ يەر شەكلى كۆپىنچە تاغلىق بولۇپ، يېڭى برېتان ئارىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 2300 مېترغا يېتىدۇ. كىچىك ئاراللارنىڭ بىر قىسمى ۋولقان ۋە مارجان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. ئىقلىمى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2500-3000 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ھۆل - يېغىنى كۆپ بولغانلىقتىن ئاراللار ياپيېشىل ئورمان ۋە ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. بىسمارك ئاراللىرى 1844 - يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولۇپ، گېرمانىيىگە قاراشلىق يېڭى گۋېنىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1914 - يىلىدىن كېيىن ئاۋسترالىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1944 - يىلى ئاۋىسترالىيە ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىر قىسمى بولغان. ھازىر بۇ ئاراللار پاپوئا — يېڭى گۋېنىيىگە قارايدۇ. بۇ ئاراللاردا ئولتۇرۇشلۇق خەلقلەر يېزا ئىگىلىك ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە كۆممىقوناق، كاكائۇ، بانان، كوكۇس پالمىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. دېڭىزدا ياقۇت ئېلىش، بېلىقچىلىق راۋاجلانغان. ئورمانچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.