UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركراكوۋ

كراكوۋ

دۇنيادىكى شەھەرلەر پولشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى، كراكوۋ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بىرى. كراكوۋ ۋىسۋا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ، كراكوۋ 14 - ئەسىرىدن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پولشىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر پولشىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى پولات - تۆمۈر سانائىتى پولشا بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى يېڭى گوتا رايونىدا پلشا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر بىرلەشمە كارخفنىسى بار. پولات - تۆمۈر سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، پاراۋوز، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى (سېمونت، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار، پولات - سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان ماتېرىياللار)، كۆمۈركان سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. كراكوۋ ۋارشاۋادىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا 1364 - يىلى قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ، ئۇنىۋېرسال سانائەت داشۆسى، سەنئەت شۆيۈەنى، كان - مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنى، ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى، ئوبسېرۋاتورىيە، رەسەتخانا، مۇزېي، ۋاۋېر سارىيى (قەدىمىي گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلىنىدۇ)، كونىشەھەر خارابىلىرى، چېركاۋلار ۋە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار. بۇ قايدا 1966 - يىلىدىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر