ئىسپان پورتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىرىنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ مۇھىم پورتى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر تىرىنداد ئارىلىنىڭ غەربىدىكى فارىيا قولتۇقى بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 120 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇ جاي ئەسلى ئىندىئان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان بىر كەنت بولغان. 1595 - يىلى ئىسپانىيىلىكلەر بۇ جايغا بىر شەھەر سالغان. 1774 - يىلىدىن باشلاپ تىرىنىدادنىڭ مەركىزى بولغان. شەھەردە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ئۆي جاھازلىرىنى ياساش، نېفىت، خىمىيە، سېمونت، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئىسپان پورتى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارىدىغان تاشيول، تۆمۈريوللار بار. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرخىل تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ. ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇنداقلا سۈرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاليۇمىن توپىسى بىلەن ۋېنېسۇئېلاننىڭ تۆمۈر رۇدىسىمۇ مۇشۇ پورت ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ شەرقىدە كارىپ رايونى بويىچە مۇھىم بولكغان پىياركو خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەردە تارىخىي بىنالار، مەيدانلار، باغچىلار بار. 1818 - يىلى قۇرۇلغان مەشھۇر ئۆسۈملۈك باغچىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن تروپىك ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان.