UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرنورىلسكى

نورىلسكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى دائىرىسىدىكى ئەڭ چوڭ كان - سانائەت شەھىرى. بۇ شەھەر كراسنو - يارىسكى چېگرا رايونىنىڭ غەربىي شىمالى، يېنسەي دەريا تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 180 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). بۇ شەھەر 1935 - يىلى قۇرۇلغان. شەھەر ئەتراپىدا مىس، نېكىل قاتارلىق كان بايلىقلىرى ناھايىتى مول. تۆمۈر يول ئارقىلىق يېنسەي دەريا بويىدىكى پورت — دۇدىنكا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم رەڭلىك مېتال سانائەت بازىلىرىنىڭ بىرى. نېكىل، مىس، پىلاتىنا، ئالتۇن، كۈمۈش، سېلېن قاتارلىق 10 نەچچە خىل كان بايلىقى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يەنە كۆمۈر كېنى، ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ بار. بۇ شەھەرگە تىيومىندىن قوش لىنىيىلىك گاز تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر