ۋرانگېل ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي مۇز ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىنى چۇكوتكا دېڭىزى، غەربىنى شەرقىي سىبىرىيە دېڭىزى ئوراپ تۇرىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 125 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى لانگا بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، مەيدانى تەخمىنەن 7300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئارالنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1096 مېتىرغا يېتىدۇ، شىمالىي تەرىپىدە دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكىرى بار، ھاۋاسى سوغۇق، ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنى يىل بويى دېگۈدەك لەيلىمە مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى شالاڭ، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.