UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرتاسمانىيە

تاسمانىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاۋىسترالىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بىر ئارال، ئوماس بوغۇزى ئارقىلىق ئاۋىسترالىيىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ئاۋىسترالىيىنىڭ بىر شتاتى ھېسابلىنىدۇ. يەر مەيدانى 67 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 407 مىڭدىن ئاشىدۇ. شتات مەركىزى — خۇبارت شەھىرى. تاسمانىيە دېگەن نام تاسمانىيىگە بىرىنچى قېتىم 1642 -، 1643 - يىللار ئەتراپىدا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان گوللاندىيىلىك تاسمان دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىگە ئاساسەن قويۇلغان. بۇ جايغا 1803 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان، ئەنگلىيە 1876 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەرلىك خەلقلەرنى قىرىپ پۈتۈنلەي ئىگىلەپ ئالغان. 1901 - يىلى ئەنگلىيە ئىگىلىگەن ئالتە مۇستەملىكىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان. تاسمانىيە ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق، مېۋىچىلىك رايونلىرىنىڭ بىرى، ئۇ جايدا ئاساسلىق كالا، قوي قاتارلىق چارۋا ماللار بېقىلىدۇ، مۆتىدىل بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قەغەز، سېمونت، يۇڭ توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پششىقلاپ ئىشلەش، خىمىيە قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر