UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركالېدونىيە قانىلى

كالېدونىيە قانىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شوتلاندىيىگە جايلاشقان قانال بولۇپ، شوتلاندىيىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىك لوئىن قولتۇقىدىن شەرقىي قىرغىقىدىكى موراي قولتۇقىغا قەدەر سوزۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قانال 1773 - يىلدىن باشلاپ قېزىلىپ، 1822 - يىلى قاتناش باشلانغان. 1847 - يىلى پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ بولغان. بۇ قانال قۇرۇقلۇق قىسمىدا قېزىلغان 35 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى 29 چۈشۈرگىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانالدىن ئوكيان پاراخوتلىرى ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى بەكمۇ چوڭ ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر