كارىبا سۇ ئامبىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى زەمبېزى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن زامبىيە ھەم زىمبابۋې دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان، ئافرىقا بويىچە چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى. بۇ ئامبار 1960 - يىلى قۇرۇلغان. توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 579 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سۈنئىي كۆلنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 19 كىلومېتىر، مەيدانى 5180 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۇ ئامبىرىدىن توك ئېلىش، بېلىقچىلىق، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا 900 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىدىغان بىر ئېلېكتر ئىستانسسىسى، جەنۇبىي قىرغىقىدا 700 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتىدىغان بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان.