ئەنجان
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى شەھەر، ئەنجان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. مىلادى 9 - ئەسىردىن باشلاپلا مەشھۇر ئورۇنغا ئايلانغان. 1902 - يىلى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولۇپ، كېيىن قايتا قۇرۇلغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى سودا - سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. تۆمۈريول،تاشيوللار ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ قاراسۇ، ئۆزبېكسىتاننىڭ لېنىنىسكى، نامانگان قاتارلىق شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم ماشىنىسازلىق، مېتالچىلىق، سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىگىت ئايرىش، ئىلمە توقۇلما، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىنىدۇ، تەزكىرى مۇزېي قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.