ئوسلو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بېرگىن پورتىدىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورت شەھىرى. ئوسلو شەھىرى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئوسلو قولتۇقىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 447 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). ئوسلو شەھىرىنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن، ئۇ 1048 - يىلى سېلىنغان. 1814 - يىلى پايتەختى بولغان. ئوسلو نورۋېگىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، ياغاچ ماتېرىياللىرى، قەغەز، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى تەرەققىي قىلغان. ئوسلو شەھىرىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئوسلو نورۋېگىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئۇ جاي تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئوسلودىن يولغا چىققان پويىز مەخسۇس پويىز ئارقىلىق گېرمانىيە، دانىيىنىڭ تۆمۈر يوللىرىغا ئۆتەلەيدۇ. ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئوسلو پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئوسلو شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، قۇرۇلۇشى رەتلىك، ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. شەھەر ئەتراپىدىكى ئېدىرلىق ۋە باشقا تاغلىقلارنى ياپيېشىل ئورمانلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا دۆلەت بويىچە ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۈستى ئوچۇق مۇزېيخانىلار، قەدىمىي ئاسار - ئەتىقىلەر ۋە باشقا مەدەنىيەت، سەنئەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966 - يىلى قۇرۇلغان. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 29.2 كىلومېتىر كېلىدۇ.