ئاندامان تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ھىندىستانىڭ بېنگال قولتۇقى بىلەن ئاندامان دېڭىزى ئارىلىقىغا جايلاشقان. شىمالدىكى پارپىپاس بوغۇزى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئارىلىقى 220 كىلومېتر كېلىدۇ. جەنۇبتىكى °10 بوغۇزى بىلەن نىكوبار تاقىم ئاراللىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن نىكوبار تاقىم ئاراللىرى بىلەن بىللە ھىندىستاننىڭ مەركىزىگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار جەمئىي 204 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبىدىكى كىچىك ئاندامان ئاراللار ئاساس قىلىنىدۇ، بەزى ئاراللاردا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە يوق. مەيدانى 6461 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 93 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى يانار تاغلار بىلەن ئېدىرلىقلار ئىگىلەيدۇ. شىمالىي ئاندامان ئارىلىدىكى ساددىل چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 750 مېترغا يېتىدۇ. ئاندامان ئاراللىرى شىمالدىن جەنۇبقا زەنجىرسىمان ھالەتتە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 467 كىلومېتر كېلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، سۇ يوللىرى بۆلۈنۈپ كەتكەن. مۇھىم شەھىرى ۋە پورتى — بلىئېرپورتى ھېسابلىنىدۇ، ئىقلىمى يىل بويى ئىسسىق، نەم كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتردىن ئاشىدۇ. ئارالدا دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار كەمچىل، سۇ بىلەن تەمىنلىنىش قىيىن، ئورمانلار پۈتۈن ئاراللار مەيدانىنىڭ % 86 نى قاپلاپ تۇرىدۇ. يەرلىك مەھسۇلاتى — قىزىل دەرەخ ئۆسىدۇ. يەرلىك ئاھالىسى بويى پاكار نېگىرلاردىن ئىبارەت. بۇ ئاراللارنى 1789 - يىلى ئەنگلىيە ئىگىلىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىن تۇتقان سىياسىي جىنايەتچىلەرنى سۈرگۈن قىلىدىغان ئورنى بولغان. كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كىشىلەر كۆپلەپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.