UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئۇرال تاغلىرى

ئۇرال تاغلىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى بىلەن غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى كارسىكى دېڭىزىنىڭ بايدارسكى قولتۇقىدىن تارتىپ، جەنۇبتا ئورسكى ئەتراپىغا قەدەر 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، كەڭلىكى 40-150 كىلومېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ غەربىي يان باغرى يانتۇ، شەرقىي يان باغرى تىكرەك كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 500-1200 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى 1895 مېتىرغا يېتىدۇ. ئوتتۇرا ئۇرال قىسمىنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەسرەك بولۇپ، 350 مېتىر كېلىدۇ. بۇ جاي ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئارىلىقىدىكى قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرالدا تۆمۈر، مىس، سىنك، ئلاليۇمىن توپىسى، نىكېل، ۋانادىي، تىتان، خروم، كالىي تۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى، سىۋېردلوۋسكى، ماگنىتوگورسكى، چېليابىنسكى، تۆۋەنكى تاغىل قاتارلىق ئاتاقلىق سانائەت شەھەرلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر