نىئامېي
دۇنيادىكى شەھەرلەر
نېگىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. نىئامېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر نېگىر دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 344 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). يۇقىرى ۋولت، بىنىڭ قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللار شۇ شەھەرگە توپلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق خېلى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا ھازىر توقۇمىچىلىق، سېمونت، قەغەز، مېتال ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. نىئامېي 1926 - يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق نېگىرنىڭ مەركىزى بولغان. 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى نېگىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن.