باتۇمى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گرۇزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر، ئاجار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇبتروپىك ئىقلىمىغا ئىگە رايونى. ئۇ جاينىڭ ھاۋاسى يىلبويى ئىللىق تۇرىدۇ. تۆت پەسلىدە ئۆسۈملۈكلەر ياپيېشىل ئۆسۈپ تۇرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃14.4 بولىۇ. ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 23.3، يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6.4 بولىدۇ. يىللىق ھكل - يېغىن مىقدارى 2500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ھۆل - يېغىن مول رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. باتومى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى مۇھىم پورتى، دۆلەت بويىچە مۇھىم ەم ئېلىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جايدا باكودىن تارتىلغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى، باكودىن باتومىغا كېلىدىغان تۆمۈريوللار بار. باتومى ئارقىلىق سىرتقا ياغاچ ماتېرىيالىرى، بۇغداي، شېكەر، خىمىيە مەھسۇلاتلىرى، مېۋە ۋە باشقىلار چىقىرىلىدۇ. شەھەردە نېفىت ئايرىش، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق ۋە باشقا خىلمۇخىل سانائەت ئورۇنلىرى بار. باتومى گىرېكچە <Bathys> سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چوڭقۇر قولتۇق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمى چوڭقۇرراق كېلىدۇ. باتومى جايلاشقان ئورۇندىكى دېڭىزمۇ چوڭقۇر كېلىدۇ. باتومى شەھىرىنىڭ ئەنە شۇ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا <باتومى — چوڭقۇر قولتۇق> دەپ نام بېرىلگەن.