UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپاراگۋاي

پاراگۋاي

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، يەر مەيدانى 406 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، پاراگۋاي دەرياسى دۆلەتنى شەرق، غەرب دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. شەرقىي تەرىپىدە ئېدىرلىق، سازلىق، دولقۇنسىمان ھالەتتە جايلاشقان تۈزلەڭلىكلەر كۆپرەك بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ ھاۋاسى ياخشى، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ 90% تى مۇشۇ ئورۇنلارغا ئولتۇراقلاشقان. پاراگۋاي دەرياسىنىڭ غەربىگە گراپخاكو چوڭ ئوتلىقىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي ئورمانلىق ۋە ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. پاراگۋاينىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا، شىمالىي سۇبتروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبى سۇبتروپىك ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ( 10 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3 - ئايغىچە) ℃25 تىن ℃40 قا، قىشلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ( 3 - ئايدىن 9 - ئايغىچە) ℃20 تىن ℃20 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شەرقىي تەرەپتە 800 مىللىمېتردىن غەربىدە 1200 مىللىمېتر بولىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 54 تىنى ھەرخىل قىممەتلىك ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. پاراگۋاينىڭ ئاھالىسى 3 مىليون 470 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ % 95 تى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە ئاق تەنلىكلەر، ئىندىئانلار (%5) بار. ئاھالىنىڭ % 95ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى، پايتەختى ئاسۇنسىئون شەھىرى. پاراگۋاي 1535 - يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1811 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. ئۇ ئىقتىسادىيتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، دادۇر، بۇغداي، تاماكا، كوفې، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن كالا، ئۇنىڭدىن قالسا قوي بېقىلىدۇ. سانائىتىدە گۆش ۋە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ چىقىرىش، شېكەر، توقۇمىچىلىق، سېمونت، تاماكا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. برازېلىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان 12 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلوۋات سائەت توك تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ 1983 - يىلى پۈتۈپ تارقىتىشقا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر