ئىسلام ئاباد
دۇنيادىكى شەھەرلەر
پاكىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى، يېڭىدىن قۇرۇلغان زامانىۋى شەھەر. ئۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300-600 مېتىر كېلىدىغان پوتۋار ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. بۇ ئورۇننىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 240 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا كەڭلىكى 96 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ياخشى. بۇ ئورۇن جىلام دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسى ئارىلىقىدىكى ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن سوئان، خارو قاتارلىق دەريالار ۋە راۋال قاتارلىق كۆللەر بار. ھاۋاسى يىللىق، مۆىتىدىل كېلىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 380-510 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئىسلام ئابادنىڭ يەر مەيدانى 909 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 340 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). شەھەرنىڭ شىمالىنى مارگالا تېغى، شەرقىنى راۋال كۆلى ئوراپ تۇرىدۇ. غەربىي جەنۇب قىسمى راۋالپىندى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئىسلام ئابادنىڭ قۇرۇلۇشى رەتلىك، كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل. شەھەر ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رايونى، باش ئەلچىخانىلار رايونى، ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايونى، سانائەت رايونى، سودا رايونى ۋە ئىسلام ئاباد دۆلەت باغچىسى قاتارلىقلار سېلىنغان. ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى كوچىلار تۆت چاسا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەربىر كوچىغا مەسچىت، ماگىزىن، مەكتەپ، مېھمانخانا، بانكا، باغچا، ئاشخانا قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىسلام ئابادنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رايونىغا پارلامېنت بىناسى، دۆلەت كېڭىشى بىناسى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سانائەت رايونىغا يېمەك - ئىچمەك، كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، خىمىيە، پاراۋوز - ۋاگون ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. سودا، مەدەنىيەت - مائارىپ رايونى بىلەن 220 كۋادرات كىلومېتىر يەرگە ئىگە دۆلەت باغچىسىغا جىننا داشۆسى، ئىقبال سىرتتىن ئوقۇش داشۆسى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر، ئىرسىيەت تەتقىقات ئورنى، ئاتوم تەتقىقات ئورنى ۋە باشقا تەجرىبىخانىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.