UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركاتماندۇ

كاتماندۇ

دۇنيادىكى شەھەرلەر نېپالنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. شەھەر باگمات دەرياسى بىلەن بېشمات دەريالىرىنىڭ قوڭشۇلغان ۋادىسىغا جايلاشقان. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك ھىمالايا تاغلىرى شىمالدىن كېلىدىغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىن توسۇپ تۇرىدۇ. ھىندى ئوكياندىن كېلىدىغان نەم، يىللىق ھاۋا ئېقىملىرى شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھ اۋاسى يىللىق، تۆت پەسىل خۇددى باھاردەك ياپيېشىل تۇرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 220ئەتراپىدا بولىدۇ. ھاۋاسى بەك يېقىملىق، شۇڭا بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ <باھار پايتەختى> دەپتمۇ ئاتىلىدۇ، كاتماندۇ قەدىمىي شەھەر بولۇپ، 723 - يىلى قۇرۇلغان. 1768 - يىلى سائا خانلىقىنىڭ ھەم كېيىنكى خانلارنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ شەھەردە كونا خارابىلار، كونا خارابىلار، كونا قۇرۇلۇشلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا <ئۈستى ئوچۇق موزېي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونىشەھەر قىسمى ھازىر مۇھىم ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندى، يىلىغا نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچى كېلىپ قايتىدۇ. كاتماندۇ شەھىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايدىكى بۇتخانىلار، دىنىي قۇرۇلۇشلار 250 دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرى بار. يېڭىشەھەر قىسمى 50 - يىللاردىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلغان. كاتماندۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، گىلەم توقۇش، تېرە - خۇرۇم، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە خەلقئارا ئايرودرومى، چوڭ بانكىلار، سودا ماگىزىنلىرى، 1959 - يىلى قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ ھەم ئۇنىڭغا تەۋە ئون نەچچە شۆبە مەكتەپ بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
كاتماندۇ | UyghurWiki | UyghurWiki